باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

2013.06.25 17:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ ئارمىيە ئىچىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەلىم–تەربىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئارمىيەدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەلىم – تەربىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەم مەركەزنىڭ بىر تۇتاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان، ئېجىل ھەم ئىناق ئۆتىدىغان، ئىتتىپاق ھەم پاك بولغان ئىچكى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ۋە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش، شۇنىڭدەك قېلىپلاشقان، تۈزۈملەشكەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش جەھەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىغا يېتىشنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئارمىيە ئىچىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەلىم – تەربىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خىزمەت يىغىنى 21 – ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ يوليوروق ۋە قارارىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە ئىچىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەلىم – تەربىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە