باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ مىن ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.06.26 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 24-ئىيۇن ئاياللار، تىنچلىق، بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا مۇنازىرە ئۆتكۈزدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو جىنسىي زوراۋانلىقنى ئۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش ۋە ئاياللارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش، جىنسىي قۇل قېلىشتەك ھەرقانداق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن قوراللىق توقۇنۇشلاردا، ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىي زوراۋانلىق دائىم تونۇشقا قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىي ئەخلاق ۋە جەمئىيەت ئادىللىقىغا ئاشكارا خىرىس قىلغانلىق. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئەيىبلىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى كېرەك.

  ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو قوراللىق توقۇنۇشلاردا پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىقنى ئەيىبلەيدۇ، توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش بارلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە