باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تاراتقۇلار بىرازىلىيە ۋەزىيىتى داۋالغۇچ ھالەتتە تۇرماقتا 2014 يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن دېدى

2013.06.26 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ماتېرىيال سۈرەت: شۇ يەر ۋاقتى 23-ئىيۇن برازىلىيەدىكى نامايىش
بىرازىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا قارىتا، «بىرازىلىيە يەر شارى گېزىتى»نىڭ خەۋرىدە مۇنداق دېيىلگەن: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە كومىتېتى جىددىي پىلان تۈزۈپ، ئامېرىكىنى 2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ زاپاس ئۆتكۈزۈلۈش ئورنى قىلىپ بېكىتكەن، ئەگەر بىرازىلىيە تەنھەرىكەتچى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىسا 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى «2014-يىللىق ئامېرىكا دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى» غا ئايلىنىدۇ.
بىرازىلىيە نۆۋەتتە قىتئەلەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، لېكىن بىرازىلىيە ئاممىسىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە كومىتېتى «بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ زاپاس لايىھەسى» يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تاراتقۇلار يەنىلا يۇقىرىقى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئامېرىكىمۇ ھەقىقەتەن دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتىنى ھازىرلىغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە