- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەيبېي-ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن يەنە بىرى ئېچىلدى
2013.06.26 16:27 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
25-ئىيۇن كەچ ، تەيۋەن جۇڭخۇا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ تۇنجى تەيبېي-ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، تەيۋەن جۇڭخۇا ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەيۋەن رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەت شىنجاڭغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت ياراتقان .
تەيۋەن جۇڭخۇا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ A330—300 تىپلىق ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ لىنىيەنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى ئالتە سائەت بولغاچقا ، ئىككى قىرغاق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن .
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى : جۇڭگو جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن تەيبېيغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان ، نۆۋەتتە تەيۋەن جۇڭخۇا ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەيبېيدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان لىنيەدىن يەنە بىرنى ئاچتى، بۇ ئىككى جاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە