- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش ياردىمى قۇرۇلۇشى باشلاندى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېتىم بالىلار مەخسۇس كۇرستا ھەقسىز ئوقۇيالايدۇ
2013.06.26 16:24 مەنبە: خەلق تورى
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىللىق يېتىم بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، 16 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان بەلگىلىك شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېتىم بالىلار چوڭلار مەخسۇس كۇرس سىنىپى ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىدا ئوقۇسا، تۈرلۈك ئوقۇش ھەقلىرى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن سىرت، ئېيىغا 700 يۈەندىن ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، يېتىم بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى 2009-يىلى باشلانغان بولۇپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بېيجىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش كەسپىي ئىنىستىتۇتى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويغان. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2013-يللىق يېتىم بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان باشلانغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە (ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق)، ئاپپاراتلاردا مەركەزلىك بېقىلىۋاتقان ياكى جەمئىيەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان 16 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان يېتىم بالىلار (شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان يېتىم بالىلارغا ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ)، شۇنىڭدەك يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن يېتىملىك شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش دائىرسىگە كىرىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە