باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇغۇش ئارىلىق ۋاقتىنى بىكار قىلىشنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇش سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

2013.06.26 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، نوپۇسى كۆپ شەندۇڭ ئۆلكىسى 2-بالىنى تۇغۇش ئارىلىق ۋاقتىنى بىكار قىلدى دېگەن خەۋەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ «2-بالىنى تۇغۇشقا يول قويۇش سىگنالى» دەپ چۈشەندۈرۈلدى. مۇتەخەسسىسلەر تۇغۇت ئارىلىقىنى بىكار قىلىش بىلەن تۇغۇت سىياسىتىنى بوشىتىشنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بارلىقىنى چۈشەندۈردى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دۆلىتىمىز پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى «ئىنسانىيلىق»قا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

  17-ئىيۇن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ «3نى بېكىتىش» (فۇنكسىيەنى بېكىتىش، ئاپپاراتلارنى بېكىتىش، ئىشتاتنى بېكىتىش) لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۇغۇت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  بۇ مۇشۇ ئايدىكى پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار تۇنجى قىزىق نۇقتا ئەمەس. ۋۇخەندىكى «ئۈچنى جازالاش»تىن شەندۇڭدىكى تۇغۇت ۋاقىت ئارىلىقىنى بىكار قىلىشقىچە، ھەتتا ئۆتكەن ھەپتە سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگىچە قارايدىغان بولساق، كۆپچىلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نوپۇس ۋە ئەمگەك-ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ جېنجېننىڭ قارىشىچە، تۇغۇت ئارىلىقىنى بىكار قىلىش بىلەن تۇغۇت سىياسىتىنى بوشىتىش ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە بولۇپ، ئالدىنقىسى كەينىدىكىسىنىڭ سىگنالى ھېسابلانمايدىكەن.

  دۆلىتىمىزدە، «تۇغۇت ئارىلىقى» ئاساسلىقى 2 پەرزەنتلىك بولسا بولىدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ بىرىنچى بالىنى تۇغۇشتىن ئىككىنچى بالىنى تۇغۇشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، جايلار بەس-بەستە «پىلانلىق تۇغۇت» تۈپ دۆلەت سىياسىتىگە ئاساسەن، يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت نىزاملىرىدا، ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەر-ئاياللار تۇغۇت ئارىلىقىنى ئۇزارتىشى لازىم، دەپ بەلگىلىگەن. بۇ ئارىلىق ئادەتتە 4 يىل، بەزىدە 3 يىل بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە