ھىندىستان ھۆكۈمىتى 25 – ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ شىمالىي ئاكىن ئىشتاتىدا يۈزبەرگەن قارا يامغۇر ئاپىتىدە 807 كىشى قازا قىلغان. قۇتقۇزغۇچى خادىملار نەچچە كۈندىن بۇيانقى قارا يامغۇر ۋە لاتقا – شېغىللىق ئېقىندا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. شىمالىي ئاكىن ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ۋىجاي باھخۇ گۇننار شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا: ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆپ ساندىكى ئامما ئورمانلىق ۋە چەت، يىراق يۇقىرى ئېقىم رايونىدا قاپسىلىپ قالدى. مەن بۇ قېتىمقى ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دېگەن.