باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن زەھەر چەكلەش سېپىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2013.06.26 16:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-نۆۋەتلىك خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، دۆلەت كومىسسارى ، دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گو شېڭكۈن 25-ئىيۇن مەملىكەتلىك ‹‹زەھەر چەكلەش ئاۋانگارتلىرى ››، 3-نۆۋەتلىك ‹‹ 10 چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى ›› بولۇپ سايلانغان زەھەر چەكلەش سېپىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتى

  جۇڭگو ساقچى تورى ، بېيجىڭ ، 25-ئىيۇن تېلېگراممىسى : 26-نۆۋەتلىك خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، دۆلەت كومىسسارى ، دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گو شېڭكۈن 25-ئىيۇن مەملىكەتلىك ‹‹زەھەر چەكلەش ئاۋانگارتلىرى ›› ، 3-نۆۋەتلىك ‹‹10 چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى›› بولۇپ سايلانغان زەھەر چەكلەش سېپىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتى . ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى : ھەر قايسى جايلار، تارماقلار ئورتاق تىرىشىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ ، زەھەرلىك بۇيۇملارنى چەكلەپ خەلققە بەخت ئاتا قىلىش يولىدا بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك .

  دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ يۇڭچىڭ ، دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى ۋېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى .

  ئىگىلىنىشىچە ، مەملىكەتلىك ‹‹ زەھەر چەكلەش ئاۋانگارتلىرى ›› ۋە 3-نۆۋەتلىك ‹‹10 چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى›› نى باھالاش پائالىيىتىنى دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى ، جۇڭگو زەھەر چەكلەش فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بى بو قاتارلىق 10 نەپەر زەھەر چەكلەش خەلق ساقچىسى ، تيەنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خەلق ساقچىسى يۈ جيەنۋېن قاتارلىق 10 كىشى ئايرىم-ئايرىم باھالانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە