باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بىر تۈركۈم ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2013.06.26 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈي يۈنيەن، لى شياۋخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 15 – قېتىملىق ‹‹پاش قىلىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2012 – يىلى 1 – ئايدىن بۇ يىل 5 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىيانەتچىلىك – پارىخورلۇق دېلوسى يىپ ئۇچىدىن 1013نى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ 959ىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەن، 703دېلودىكى 772كىشى ئۈستىدىن دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن، 190مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى ساقلاپ قالغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بىر تۈركۈم ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىنى پاش قىلغان، مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنجۈن(مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش دېلوسى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جۇ بىنۋېن (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسى قاتارلىقلار. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى يەنە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىش دېلوسى يىپ ئۇچىدىن 359نى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ 330نى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەن، 139 دېلودىكى 159كىشى ئۈستىدىن دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 30 چوڭ، مۇھىم دېلوغا چېتىشلىق يەتتە كىشى بولۇپ، 16مىليون 455يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى ساقلاپ قالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 24 – ئىيۇندىن 28 – ئىيۇنغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ‹‹پاش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاش قىلغۇچىنى قوغداشنى كۈچەيتىش›› تېمىسىدىكى 15 – قېتىملىق ‹‹پاش قىلىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى بىر تۇتاش قانات يايدۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىشان ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىنىڭ پاش قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ قوللاپ، تېلېفون، خەت – چەك ئارقىلىق پاش قىلىش، يۈز تۇرا پاش قىلىش، ئالدىن كېلىشىپ قويۇپ پاش قىلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل پاش قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەپتىش ئورگانلىرىنى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلو يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى قارشى ئالىدۇ. تەپتىش ئورگانلىرى ئامما تەمىنلىگەن بارلىق يىپ ئۇچىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلايدۇ، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە