باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2013.06.26 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن 20 – ئىيۇندىن 25 – ئىيۇنغىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم بۇ ئىككى ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

  ئالتە كۈن جەريانىدا، نۇرلان ئابىلمەجىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرى، قورغاس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، ئارشاڭ ناھىيەسى، بورتالا شەھىرىگە بېرىپ، شۇ جايلارنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى، سانائەت رايونى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدى.

  تەكشۈرۈشتە نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، شەھەر، يېزا قىياپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئىككى ئوبلاست ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››نى مۇھىم ئاساسىي خىزمەت قىلىپ، ‹‹بەشلەشتۈرۈش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تىكى ئۈلگىلىك رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئاچقان ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)لارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئانالىزى، ھۆكۈمى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. مەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ۋە قوللاپ، سىياسىي كېڭەشكە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە