باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوندا تۇنجى قېتىم تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىدىكى ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى

2013.06.26 16:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئىستۇدېنتلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
  كۈنسايىن كەسكىن بولۇۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئاستىدا ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى تۇنجى تۈركۈمدە 1 مىليون 963 مىڭ يۈەن خىزمەت ئىزدەش ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىدىكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەردى . 25-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى خىزمەت ئىزدەش ئىقتىسادىي ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە ، 2013-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 35 ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 3926 ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى بۇ تۈردىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى .

  ئىلگىرى تورداشلار 2013-يىلىنى ‹‹ تارىختىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس بىر يىل ›› دەپ ئاتىغانىدى . پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ ، شىنجاڭدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار 73 مىڭغا يېتىپ ، بۇلتۇرقىدىن 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئاشقان ، بۇنىڭغا يەنە جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى قوشقاندا ، ئومۇمىي سانى 400 مىڭدىن يېتىپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى تارىخىتىكى مىسلىي كۆرۈلمىگەن باسقۇچقا كىرىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، 2013-يىلىدىن باشلاپ ، ئوقۇش تەۋەلىكى شىنجاڭدا بولغان ، ئاكتىپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان شەھەر-بازارلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق خىزمەت ئىزدەش ئىقتىسادىي ياردىمى بېرىلىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرىلاپ ئوقۇش ، چەت ئەلگە چىقىش ، ھەربىيلىككە قاتنىشىش قاتارلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا . بۇ يىلقى بىر قېتىملىق خىزمەت ئىزدەش ئىقتىسادىي ياردىمى ھەربىر كىشىگە 500 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تارقىتىلىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى ئالاقىدار ھەقلىرىنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە