باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ «چاسا ئوردا»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2016.01.21 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالماننىڭ ھەمراھلىقىدا «چاسا ئوردا»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دە «چاسا ئوردا»غا بېرىپ، سالماننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى شەمشەر ئۇسۇلى قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزگىچە نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، مەيداندىكى ئامما بىلەن قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن سالمان ئەرەب قەھۋەسى ۋە ئەرەب ئالاھىدە تاماقلىرىغا ئېغىز تەگدى. شى جىنپىڭ يەنە پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىز ھايات پائالىيىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پادىشاھ سالمان ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «چاسا ئوردا» ھەر قايسى تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىكى سەنئەت سېھرىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت ۋارىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىشىگە ئەرەب مىللىتىنىڭ مەردانىلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن. ئارىدىن سەككىز يىلدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتا زىيارەتكە كەلگىنىمدە، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەم زامانىۋى ئەسلىھەلەر، تەرەققىي قىلغان قاتناش، ئازادە مۇھىت باركەن، ھەم ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئوردا-ساراي، نەپىس سەرەمجانلار، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باركەن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەرەققىياتىنى سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىنىڭ ئەمگىكى، جاسارىتى، پاراسىتىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جاپالىق تىرىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر