باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىر قېتىملىق دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش دىلوسىنى پاش قىلدى

2016.01.20 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ، بىر قېتىملىق دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش دىلوسىنى پاش قىلىپ، «جۇڭگو ھوقۇقنى قوغداشقا جىددىي ياردەم بېرىش گۇرۇپپپىسى» ناملىق، ئۇزۇن مەزگىل چەتئەل مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن چېگرا ئىچىدە نۇرغۇن «ۋاكالەتچى»لەرنى تەربىيەلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنسىز تەشكىلاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلدى. پېتىر يېسپېل دارىن (خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى، شۋېتسىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىن) قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرىي ۋاستىلىرى قوللىنىلدى.

  3-يانۋار، پېتىر دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ياردەم بېرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى مەجبۇرىي چاقىرتىلغان، ئارقىدىن تۇرالغۇسىدا نازارەت قىلىنغان. 16-يانۋار، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى «ۋيېنا كونسۇل مۇناسىۋىتى ئەھدىنامىسى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىنى پېتىر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر