باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قاھىرەگە بېرىپ، مىسىردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2016.01.21 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-يانۋار مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە بېرىپ، مىسىردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مىسىرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، مىسىرنىڭ سەككىز جەڭ ئايروپىلانى قوغداپ ماڭدى. مەخسۇس ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:35لەرە قاھىرە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ بۆلۈمىدىن چىققاندا مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھۆرمەتتە تۇردى.

  شى جىنپىڭ مىسىر خەلقىگە سەمىمىي سالام ۋە ئوتلۇق تىلەكلەرنى يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىسىر دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا چۈشىنىپ، ھۆرمەتلىشىپ، ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى. زۇڭتۇڭ سىسى 2014-يىلى 12-ئايدا جۇڭگونى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ياراتتى. جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ سىسى قاتارلىق مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو-مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر