باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ مىسىر تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى نىل دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىشىگە ئوخشاش ئالغا سىلجىتايلى

2016.01.20 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-يانۋار مىسىردا زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا، مىسىرنىڭ «ئەلئېھرام گېزىتى»دە «جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى نىل دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىشىگە ئوخشاش ئالغا سىلجىتايلى» تېمىسىدىكى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى نىل دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىشىگە ئوخشاش ئالغا سىلجىتايلىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  مەن زۇڭتۇڭ سىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىم شۇنداقلا 2016-يىلدىكى تۇنجى زىيارىتىم. مەن مىسىر ۋە ئەرەبلىك دوستلار بىلەن دوستلۇق بايانى يېزىپ، ھەمكارلىق توغرىسىدا كېڭىشىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، بۇ قېتىملىق زىيارىتىمنىڭ بىر قېتىملىق دوستلۇق سەپىرى، ھەمكارلىق سەپىرى، ئورتاق يېڭىش سەپىرىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «مىسىر نىل دەرياسىنىڭ ھەدىيەسى.» 16 يىل بۇرۇن، مىسىرنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغىنىمدا، قەدىمكى مىسىر خەلقىنىڭ دەۋرىيلىكى كۆپ بولىدىغان كەلكۈننى قانداق قىلىپ دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم بايلىققا ئايلاندۇرغانلىقىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ، نىل دەرياسىنىڭ مىسىر مەدەنىيىتىنى تاۋلايدىغان ئانا دەريا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە مىسىر خەلقىنىڭ پاراسىتى ۋە كۈچىگە چىن قەلبىمدىن قايىل بولدۇم. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر