باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2016.01.21 09:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ۋە مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنى، مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، قەتئىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىندىلا ئاياغلاشقان «ئىككى يىغىن»ىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزگە يېتەكچى قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماق، ھەر قايسى ئىدارىلىرى ئىقتىساد خىزمىتى، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: دائىمىي كومىتېت ئورگىنى «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ يىلى» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى، مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئىككى يىغىن»ىنىڭ روھىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، 2016 - يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ پىلانلىشى؛ ھەر قايسى رايون، ئورۇن، ئىدارىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى؛ نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ساھەلەرگە قارىتا نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىشى؛ نازارەت قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئاپتونوم رايون، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ نۇقتىلىق ئالاقە قىلىدىغان يېزا، كەنتلەردىكى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى ۋە تۈجۈپىلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرىغا مۇنداق تەلەپ قويدى: ئۈمىدۋار بولۇپ، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. يېقىندىلا ئاياغلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، غەيرەتكە كېلىپ كۈچىشىمىز، باشتىن - ئاياغ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى ساقلىشىمىز، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز ۋە بۇرچ ئېڭىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا يېڭى ئورنىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر