باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان يېنبو تاۋلاش زاۋۇتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2016.01.21 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن بىرلىكتە يېنبو تاۋلاش زاۋۇتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ پادىشاھ ئابدۇللا نېفىت تەتقىقات مەركىزىگە يېتىپ بارغاندا، سالماننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە چوڭ زالغا كىرىپ، ئەزىز مېھمانلار ئورنىدا ئولتۇردى. چوڭ ئېكرانغا يېنبو تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ تۈرلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان سىن ۋە تۈر مەيدانىدا ئىش باشلاش سۈرەتلىرى قويۇلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق خىزمەتچىلەر خەنزۇ تىلىدا شى جىنپىڭدىن ھال سورىدى، جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەر ئەرەب تىلىدا سالمان پادىشاھتىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ بىلەن سالماننىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى بىرلىكتە بېسىشى بىلەن، يېنبو تاۋلاش زاۋۇتى تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان يېنبو تاۋلاش زاۋۇتى تۈرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقتىسادىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ھەم جۇڭگونىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق تۈرلىرى بار، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر