باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 5 يىلدا جەمئىي 3 مىليون ئادەم قېتىم چەتئەل مۇتەخەسسىسى كىرگۈزدى

2016.01.21 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جەنگو 19-يانۋار 2016-يىللىق مەملىكەتلىك چەتئەل ئەقلى ئىقتىدار كىرگۈزۈش خىزمىتى يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، چەتئەللەردىن ئېلىمىزگە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، 5 يىلدا جەمئىي 3 مىليون ئادەم قېتىم مۇتەخەسسىس كىرگۈزۈلۈپ، 11-بەش يىللىق پىلاندىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى، كېلەر قەدەمدە يۇقىرى، سەرخىل، ئىلغار، كەمچىل بولۇۋاتقان ساھە مۇتەخەسىلىرىنى كىرگۈزۈش يېتەكچى ئىدىيەسى بويىچە، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى چەتئەللىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلى ئىقتىدار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  جاڭ جەنگو مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش جەھەتتە، 2011-يىلى دۆلەت چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈش مىڭ كىشىلىك پىلانى يولغا قويۇلۇپ ھازىرغىچە، 313 مۇتەخەسسىس تاللاندى، شاڭخەي، تيەنجىن، ئەنخۇي، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈش يۈز كىشىلىك ياكى مىڭ كىشىلىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، 327 مۇتەخەسسىسنى تاللىدى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، كېلەر قەدەمدە «يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە ئاساسەن، خەلقئارا تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن تۇتۇش قىلىپ، ئىختىساسلىقلار زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنىڭ تەلىپىنى كۆزلەپ، گەۋدىلىك ۋە ئاجىز ھالقىلارنى ھەل قىلىپ، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇر يولى، ئاساسىي نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. بۇ پىكىر بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر