باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى

2016.01.21 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاھالىلارنىڭ كىرىم پەرقىنى ئۆلچەيدىغان جىنى كوئېففېتسېنتى يەنىمۇ تارايغان. مۇتەخەسسىسلەر: ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى، كىرىم قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئېلىمىزنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھاتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلارنىڭ ئۆز ئىگىدارلىقىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 21966 يۈەن بولۇپ، 2014-يىلىدىكىدىن نامدا %8.9 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %7.4 ئاشقان. كەسپىي ئەرباپلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاھالىلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى، كىرىم قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، قالدۇقسىزلىقلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش» تەك تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھاتقا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شاڭخەي مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي تەتقىقات يۇرتى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ 2015-، 2016-يىللىق ماكرو ئىقتىساد ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەھلىل ۋە مۆلچەرىي يىللىق دوكلات» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ساياھەت قىلغاچ مال سېتىۋېلىشى ۋە چەتئەللەردىن ۋاكالىتەن مال سېتىۋېلىشىنىڭ تېز ئېشىشى ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەمىنلەش نىسبەتەن كەمچىل بولۇش ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق زىددىيەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ تاۋار، مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ باردى، بۇ دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنى مەھسۇلات مۇلازىمىتى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە يەنىمۇ قىستايدۇ.

  شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۈەن خېڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، ئېلىمىز ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 70 مىليوندىن ئارتۇق نامرات كىشىنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇرۇلدۇرىدۇ. ئېلىمىز كىرىم تەقسىماتى جەھەتتىكى پەرقنى تەدرىجى كىچىكلىتىپ، نامراتلىقنى ئازايتىدۇ، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا ئەڭ بىۋاسىتە تۆھپە قوشقانلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر