باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى باشلامچى، يەرلىك تەشۋىقاتچى-ئابلىمىت ئابلەت

2016.01.21 09:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) سىياسىيدا مۇستەھكەم بولغان يېتەكلىگۈچى، سۆزلىيەلەيدىغان جەڭچى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سىردىشىغا ئايلىنىش كېرەك. جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ بۇ تەلىپى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 150ئاساسى قاتلام تەشۋىقاتچىسىغا ناھايىتى زور ئىلھام بولدى. بولۇپمۇ يەرلىك تەشۋىقاتچى ئابلىمىت ئابلەتنىڭ قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تاشتى. كۈچ ئۇلاپ لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى ئۇنى نۇرغۇنلىغان ئاممىنىڭ قەلبىدە سىياسەتچىگە ئايلاندۇردى .

  بۈگۈن ئۇچتۇرپان بازىرىنىڭ توققۇز بۇلاق مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئابلىمىت ئابلەت يەنە بىر قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى، بۇ ئۇنىڭ بۇ ھەپتىدە 2-قېتىم مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىشى. ئاھالىلارغا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر قېتىم لېكسىيە سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمانى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ

  «پىكىر ئالماشتۇرۇش كۆپ بولغاندا، ئامما ئارىسىدىن ئېرىشىدىغان تەجرىبىلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ»- دەيدۇ ئابلىمىت ئابلەت. ھەر بىر قېتىملىق لېكسىيەسى ۋە تەجرىبىلىرى ئۇنى ئامما ئارىسىدا تېخىمۇ ئالقىشقا ئىگە قىلدى. 2010-يىلى 9-ئايدا 53ياشلىق ئابلىمىت ئابلەت ۋىلايەتنىڭ ئاساسى قاتلام تەشۋىقات تەربىيە قوشۇنىنى تۇلۇقلاش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىقاتچىلىققا تىزىملىتىپ، ئاساسى قاتلامغا بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، مىللەت دىن سىياسەتلىرىنى يۈزمۇ يۈز تەشۋىق قىلدى. ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولغان ئابلىمىت ئابلەت ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاددىي چۈشىنىشلىك تىللار ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مىللەت دىن سىياسىتى، شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى، تۈرلۈك قانۇن بەلگىلىمە قاتارلىقلاردىن 36تۈرلۈك مەزمۇن بۇيىچە ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .

  ئابلىمىت ئابلەت مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتتە ئېچىلغان يىغىنلارنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە روھى ماھىيىتىنىمۇ پۇختا ئىگىلەپ، تۇلۇق ئۆزلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەشۋىقات خىزمىتى داۋامىدا ئۇ باشتىن ئاخىر ئۆزىنى «يەرلىك تەشۋىقاتچى» دەپ بىلىپ، نەگە بارسا شۇ يەردە تەشۋىقات ئېلىپ باردى. ھازىرغا قەدەر ئۇ 1000مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇ سۆزلىگەن لېكسىيەنى ئاڭلىغان ئامما 188مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئۇ ئۆزىمۇ لېكسىيە داۋامىدا چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدى .

  2015-يىلى ئابلىمىت ئابلەت ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك كومىتېتى تەشكىللىگەن ئەڭ گۈزەل ئاقسۇلۇقنى باھالاش پائالىيىتىدە «مەدەنىيەتكە يېتەكلەش چولپىنى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. جاڭ چۈنشيەن شۇجى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسى قاتلام تەشۋىقات خىزمىتى ۋە قىش پەسىللىك لېكسىيەگە سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى لېكسىيە خىزمىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مۇلاھىزە قىلدى. ئابلىمىت ئابلەت مۇنداق دېدى: ئاساسى قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىغا ھەق-ناھەق قارىشىنى چۈشەندۈرۈش مىنىڭ مەجبۇرىيىتىم ھەم شۇنداقلا تارىخ ماڭا يۈكلىگەن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. مەن ئۆزۈمدىكى ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرۇپ ئامما ئۈچۈن توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلىسەم شۇنىڭ ئۆزى زور نەتىجە. مەن چوقۇم ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە تىرىشچانلىق بىلەن بىگۇناھ ئاممىنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلۇپ، يامان يولغا كىرىپ كېتىشىنى توسىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر