باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چې جۈن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق، غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2016.01.21 09:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىگە كېلىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان بىخەتەرلىك خىزمىتى خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  چې جۈن شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چوڭ زالى، مۇز چەينەك مۇسابىقە سارىيى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق رايونلاردا نەق مەيداندا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ دوكلاتىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى.

  چې جۈن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ ئىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك بولۇش - بولماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى بىخەتەرلىك خىزمىتىدە، بىخەتەرلىك خىزمىتى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم خىزمەت.

  چې جۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئەزالارنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ۋاقىت، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قاتناش، ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق تۈرلۈك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈش؛ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق، غەلىبىلىك ئاخىرلىشىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شيۇڭ شۈەنگو، جۇ چاڭجيېلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر