باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىساد نەتىجىسىدىن كەلگۈسى يۈزلىنىشكە نەزەر

2016.01.21 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2015-يىللىق دوكلاتى 19-يانۋار ئېلان قىلىندى، دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا ئىقتىساد %6.9 ئېشىپ، %7 ئەتراپىدىكى يىللىق ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىستېمال، ئاھالىلەر كىرىمى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەرىكىتى مۇقىم دائىرىدە ئايلانغان؛ مۇلازىمەتچىلىك يېرىمنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق كۈچى بولۇش ئورنى تېخىمۇ پۇختىلانغان. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتىدىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ 2015-يىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالى ئايان بولدى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ باۋئەن مۇنداق دېدى: بۇ ئېشىش سۈرئىتى-ئوتتۇرھال يۇقىرى سۈرئەت نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەۋقەنى تەرەققىيات باسقۇچى بىلەن تەرەققىياتنىڭ دەۋرىيلىكىگە قارىتىشىنىڭ رېئاللىشىشى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەشتە يېڭىلىق ياراتقانلىقنىڭ نەتىجىسى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇلتۇر تاشقى ئېھتىياجنىڭ ئازىيىشى قاتارلىقلار مۆلچەردىن يۇقىرى بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادى بىر يۈرۈش مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەردىن ساقلىنىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى بىر تۇتاش قوللىنىشنىڭ پايدىسىدىن مىسلىسىز قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا بەرداشلىق بېرەلىدى، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئومۇمىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشىدىن ساقلاپ قېلىندى.

  بۇ يىل-13-بەش يىللىق پىلان باشلىنىدىغان يىل، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياخشى بولۇش ئاساسى ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن ئىچكى، تاشقى تەرەققىيات مۇھىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى بىر قىسىم چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا چوڭ بولماقتا.

  ۋاڭ باۋئەن مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، قىسمەن كەسىپلەر داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن. بىراق بىز شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر، يېڭى ھالەت، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تېزدىن كۈچەيمەكتە. بۇ ئامىللارنى يىغىپ قارىغاندا، بىز بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا مۇقىم ئاشىدۇ دەپ قارايمىز.

  جاڭ لىچۈن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىز نۇرغۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويدۇق، كېيىنكى قەدەمدە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي لايىھە بىلەن ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى مىكرو قاتلامدا ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر