باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى

2016.01.20 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 19-يانۋار رىيادتا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ باھا بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مول تارىخ ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا ئىگە چوڭ دۆلەتلەر، نۆۋەتتە يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتەك ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىپ ۋە ئۆگىنىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. مەن 2008-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلغانىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستان مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىم جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدۇق، بۇنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقتا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىشكە يېتەكلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر