باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى

−−دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەتنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇڭ لىشىننى زىيارەت

2016.01.21 09:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن 17 - يانۋار دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەتنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇڭ لىشىننى زىيارەت قىلدىم. جۇڭگو قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولغان بۇ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  قار - مۇز بايلىقى تەڭداشسىز ئىكەن

  تۇڭ لىشىننىڭ نەزەرىدە، «شىنجاڭنىڭ تەبىئىي قار - مۇز بايلىقى مەملىكەت بويىچە تەڭداشسىز!»، ئىكەن.

  2008 - يىلى تۇڭ لىشىن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان ئىكەن، شۇڭا ئۇ شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدىكەن. تەڭرىتاغ، قاراقۇرۇم ۋە ئالتاي تاغلىرىدا قار كۆپ، بالدۇر ھەم ئۇزاققىچە ياغىدۇ، قارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئىنتايىن باپ كېلىدۇ.

  تۇڭ لىشىن: شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى سوغۇق بولسىمۇ، نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چۈشتە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپكۆك ئاسمان، ھاۋا ئوچۇق بولغاچقا، چاڭغا تېيىلىش كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغان، دېدى. دۆلىتىمىزدە «300 مىليون كىشىنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پەقەت شەرقىي شىمال رايونىغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، شىنجاڭ چوقۇم يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى كېرەك.

  قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەنئەنىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە

  شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ «قار - مۇز» بىلەن قاپلانغان مۇنبەت تۇپراقتا ئەڭ قەدىمىي چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتى پەيدا بولغان. ئارخېئولوگلارنىڭ دەلىللىشىگە قارىغاندا، ئالتاي رايونى ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان رايونى ئىكەن. تۇڭ لىشىن: شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تۈرىمۇ مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا شىنجاڭنىڭ تېز مۇز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، مۇز توپ، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش ۋە دالىدا چاڭغا تېيىلىش سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى تۈرلەردە ئىنتايىن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر بارلىققا كەلگەن، دېدى.

  تۇڭ لىشىن ئەپسۇسلانغان ھالدا: 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئىقتىسادىي شارائىت تۈپەيلىدىن، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن تۈرى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، مۇز توپ، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش كەسپىي كوماندىلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقىتىۋېتىلدى. بىردىنبىر قالغىنى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تۈرى بولدى، لېكىن شىنجاڭلىقلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشقا ئامراق بولۇشتەك ئەنئەنىۋى ئاساسى يەنىلا ساقلىنىپ قالدى، دېدى.

  قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور

  تۇڭ لىشىن: تەنتەربىيە مەيدانىغا سۇ سېپىپ قويسىلا مۇز تېيىلغىلى بولاتتى، بۇ شىمالدىكى نۇرغۇن مەكتەپنىڭ كونا ئەنئەنىسى ئىدى. لېكىن شەرقىي شىمال رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەكتەپ بۇ كونا ئەنئەنىنى يوقىتىپ قويدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭلىقلار بۇ ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى كىچىكىدىن يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتە «مۇز ئۈستىدە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپى»نى قۇرۇش تەدبىرى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىگەن.

  2008 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى مەلۇم نىسبەتتە مەبلەغ سېلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرغان. مائارىپ تارماقلىرىدىن 2 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ھەر بىر مەكتەپكە 20 مىڭ يۈەندىن چۈشۈرۈلۈپ، مەكتەپلەرنىڭ مۇز مەيدانى ياسىشىغا ئىشلەتكەن، تەنتەربىيە تارماقلىرىدىن 2 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، تەنتەربىيە سايمانلىرى سېتىۋېلىش ۋە تىرېنېرلارنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ مۇز تېيىلىش دەرسلىرىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

  تۇڭ لىشىن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى قۇرۇلۇشىغا بەك كۆپ مەبلەغ سېلىندى، چاڭغا تېيىلىش شىنجاڭلىقلار ئارىسىدا مودا بولۇپ قالدى. ھازىر شىنجاڭدا قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇنىڭدا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ بار. بۇ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ماھارەت مۇسابىقىسىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغۇسى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق نەتھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ

  تۇڭ لىشىن: «يول بېسىپ كەلسەم يىراقتىن بۇ قەدىناس جايغا مەن، ئۆزگىرىپتۇ يېڭى تۈس ئېپ بۇ ماكان». بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، يېڭىدىن سېلىنغان شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىنى كۆرۈپ ئىنتايىن روھلاندىم، دېدى.

  تۇڭ لىشىن شىنجاڭدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقاندىلا شىنجاڭنىڭ چوڭ - چوڭ قار - مۇز تەنھەرىكەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان. ئۇ: بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇسابىقە بىر تۈرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئېلان بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ قار - مۇز مۇسابىقىسىدە باھار مېلودىيەسى ياڭرىدى. قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدەك چوڭ مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭدا قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇشتەك ۋەزىيەتنى بىراقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، يېڭى مەيدان - سارايلار شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە غايەت كۆپ بايلىق بولۇپ قالىدۇ، دېدى.

  تۇڭ لىشىن: بەش يىل بۇرۇن شىنجاڭنىڭ بۇنداق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشىنى ھېچكىممۇ ئويلىمىغانىدى. ھازىر شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۈزلۈكسىز سىرتقا چىقىرىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، مەشىقلەندۈرۈش جەھەتتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقەتەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، دېدى. ئۇ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

  تۇڭ لىشىن مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، قار - مۇز بايلىقى ۋە قار - مۇز تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئەڭ زور دەرىجىدە قېزىپ، شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى تۈرىنىڭ باھارىنى كۈتۈۋېلىپ، شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا نامايان قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر