باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ياز پەسلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ يېڭى زېنلاندىيە ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

2016.01.21 13:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ياز پەسلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ يېڭى زېنلاندىيە ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. يېڭى زىلاندىيەگە بارغان خەلقئارالىق ساياھەتچىلەر ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگومۇ يېڭى زىنلاندىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بازار بولۇپ قالدى.

  يېڭى زىنلاندىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 11-ئايدا يېڭى زىلاندىيەگە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر 2014-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 9600 ئادەم قىتىم كۆپىيىپ، يەنى %35 ئېشىپ، 36 مىڭ 700 ئادەم قىتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىخىي رېكورتنى ياراتقان. 2015-يىلى 11-ئايغىچە جەمئىي 344 مىڭ 900 ئادەم قېتىملىق جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ ئۆتكەن 12 ئايدا يېڭى زىلاندىيەگە بارغان سانى ئاۋستىرالىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئاسىيا رايونى يېڭى زىنلاندىيەنىڭ 2015-يىللىق ساياھەتچىلىكىدىكى ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبىيىگە ئايلىنىپ، ئوكيانىيەدىن قالسىلا يېڭى زىنلاندىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ساياھەت بازىرىغا ئايلانغان. 2015-يىلى ئاسىيادىن كەلگەن خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.5 ئېشىپ، 680 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر يېرىمىنى ئىگەللىگەن.

  مەنزىل ۋە توختاش ۋاقتىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي ئارال يەنىلا يېڭى زىنلاندىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات بازىرىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ ساياھەتچىلەر مەركەزلەشكەن كۋېنستوۋن، ۋاناكا قاتارلىق شەھەرلەر جايلاشقان ئوتاگو رايونىدىكى گۈزەل قارلىق تاغ كۆل مەنزىرىسى ۋە دېڭىز قولتۇقى مەنزىرىسىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ جايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قېلىشىدۇ.

  يېڭى زىلاندىيە خەلقئارا بازار باھاسىنىڭ تەۋرىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئاساسلىق ئىكىسپورت مەھسۇلاتى بولغان سۈت مەھسۇلاتىنىڭ ئىكىسپورتى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئەمما ساياھەتچىلىك تېزدىن ئېشىپ بۇنىڭ يېڭى زىنلاندىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تولدۇردى. يېڭى زىنلاندىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ چەتئەللەردە ساياھەت قىلىش بازىرىنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچىنى تونۇپ يېتىپ، جۇڭگودىكى يېڭى زىنلاندىيە ساياھىتىنى كېڭەيتىش تۈرىگە مەخسۇس مەبلەغ سالدى. يېڭى زىنلاندىيە ساياھەت ئىدارىسىمۇ كۆپلىگەن كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق ئېلىپ چىقىپ ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر