باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلماقچى

2016.01.21 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇيىل ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى تارقىتىش ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشتۇرۇپ تىزىملاپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ. بۇ بازار ئىجازىتى شەرتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 19 - يانۋاردا ئېچىلغان 2016 - يىللىق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە سودا - سانائەت سىستېمىسى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، « ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر رەسىم بىر كود » ئىسلاھاتى ۋە « ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئاندىن ئىجازەتنامە بېجىرىش »ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا كارخانا تىجارەت قوشۇمچە كىنىشكىسىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى، ئۇ رايون چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلاپ، نوپۇزلۇق تارماقلارنىڭ ئىسپاتى ئارقىلىق بازار سۇبيېكتى سالاھىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە دۇڭگۇەن، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئومۇملاشتى.

  كارخانىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى ئەنئەنىۋى ئىلتىماس قىلىشتىن تېخىمۇ تېز بولۇپ، پەقەت ئۈچ قەدەمدىلا پۈتىدۇ، سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرى تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، رەقەملىك گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن تىزىملاش سۇپىسىدا قوزغاتسىلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىقتىدارى بۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى 3 - تەرەپ تور بېكىتىنى ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلىگەندە، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئىسپات بېرىشتە بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2015 - يىلى شىنجاڭ بويىچە سودا - سانائەت تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، « ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش ، بىر رەسىم بىر كود »قاتارلىق دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان زور ئىسلاھاتلار شىنجاڭدا ئۆز قەرەلىدە ئومۇملىشىپ، كارخانىلارنىڭ كىنىشكا بېجىرىش ۋاقتى ئىلگىرىكى 20كۈندىن ئۈچ كۈنگە قىسقارتىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر