- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز خەير-ساخاۋەت ھاۋالىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلماقچى
2016.01.21 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جۇڭگو خەير-ساخاۋەت بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان« خەير-ساخاۋەت كۈچى»نى ئاساسىي تېما قىلغان 2015-يىللىق جۇڭگو خەير - ساخاۋەت يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لى لىگو خەيىر -ساخاۋەت يىللىق يىغىنىدىكى تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى جەمئىيەت مېھرى – شەپقەتكە تولغان، خەير -ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بۇرچىنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان، قانۇن چىقىرىش خىزمىتى ۋە سىياسەتتە مۇھىم ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن خەير-ساخاۋەت يىلى بولدى. 2016-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغان يىل، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە خەير-ساخاۋەت كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆزلىرىنى بېغىشلىشىنى، جۇڭگونىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلىرىنىڭ قولغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆكۈمەت خەير-ساخاۋەت نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ئىئانە قىلىش ئۇسۇلىنى قانات يايدۇرۇپ، خەير-ساخاۋەت ھاۋالىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، خەير-ساخاۋەت ئۆلچىمىنى بېكىتىشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساغلام خەير-ساخاۋەت مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت يىغىندا، جۇڭگو خەير-ساخاۋەت بىرلەشمىسى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئىلىم - پەن كومىتېتى مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ 28 خەير-ساخاۋەت نەزەرىيە مۇتەخەسسىسىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ گۇڭچېڭ مۇدىرلىققا سايلاندى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر