خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-يانۋار، ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدىكى ۋالىنىدا ھىندونېزىيە زوڭتۇڭى جوكو ۋىدودو (ئوڭدىن 4-كىشى)، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئەزاسى ۋاڭ يوڭ (سولدىن 4-كىشى) قاتارلىقلار جاكارتادىن باندۇڭغىچە بولغان تېز پويىز تۈرىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادىن باندۇڭغىچە بولغان تېز تۆمۈر يول تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدىكى ۋالىنىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ جۇڭگو- ھىندېنېزىيە تۆمۈر يول ھەمكارلىقىنىڭ زور نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جاكارتا-باندۇڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 150كېلومېتىر بولۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتا بىلەن 4-چوڭ شەھىرى باندۇڭنى تۇتاشتۇرىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى لايىھەلەنگەن سائەتلىك تېزلىكى 350كېلومېتىر كېلىدۇ، ئۈچ يىلدا قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلىنىش پىلانلانغان. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جاكارتادىن باندۇڭغىچە بولغان مۇساپە ھازىرقى ئۈچ سائەتتىن 40مىنۇتقا قىسقىرايدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى