باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سوغۇق ئېقىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2016.01.22 14:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگودا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكىغىمۇ «زومىگەر دەرىجىلىك» جۇدۇننىڭ شەپىسى كەلدى. ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش سوغۇق ئېقىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي قۇتۇپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبتا تېرىغان «بالاسى».

  ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بىر قانچە كۈندىن بۇيان جۇدۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا جۇدۇنلۇق ھاۋارايى بولدى، توكيو، ئوساكا، ناگويا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە قاتتىق قار يېغىپ، قىسمەن تاشيوللار تاقىلىپ قالدى، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش-قونۇشى كېچىكتى ياكى بىكار قىلىندى، قاتناش ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. قاتتىق قاردا نەچچە يۈز ئادەم يارىلاندى، بىر ئادەم قازا قىلدى. بەزى جايلاردا 19-يانۋار كۈنىلا يىغىلىپ كەتكەن قارلار 50~90 سانتىمېتىرغا يەتتى.

  كورېيەدە توك ئېھتىياجى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى

  قاتتىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، كورېيەدە 21-يانۋار توك ئېھتىياجى ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 11گىچىلا كورېيەنىڭ توك ئېھتىياجى 82 مىليون 9710 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن. بىراق توك ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى بولمىغان. ئالاقىدار تارماقلار توكنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. كورېيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشكەن، پايتەخت سېئۇلدا تېمپېراتۇرا ℃10- ئەتراپىدا بولغان.

  ئامېرىكىدا «زومىگەر دەرىجىلىك» سوغۇق ئېقىم بولىدۇ

  ئامېرىكىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا «زومىگەر دەرىجىلىك» سوغۇق ئېقىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بوران ئارىلاش قاتتىق قار ياغىدىكەن، دېڭىزنى بويى رايونلىرىدا كەلكۈن كېلىدىكەن. ۋاشىنگىتوندىكى كۆپ ئىدارە-ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن خاتىرە كومپىيۇتېرنى ئېلىۋېلىشنى، بۇنداق بولغاندا قاتتىق سوغۇقتا تالاغا چىقالماي قالغۇدەك بولسا، ئىشلارنى ئۆيدىلا بېجىرىشكە قولايلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشتات جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

  نورۋېگىيەدە تېمپېراتۇرا ℃17-قا چۈشتى

  نورۋېگىيەمۇ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، 19-يانۋار تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ℃17-قا چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر