- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى پەۋقۇلئاددە زور «ھامىلدار ئايال ئارقىلىق زەھەر توشۇش» دىلوسىنى پاش قىلدى
2016.01.21 15:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19- يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمىگو شۆبە ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار بۇلتۇر 12- ئايدا ئېرىشكەن بىرەيلەننىڭ ئۇزاق مەزگىل كۈنمىڭدىن ئۈرۈمچىگە زەھەر توشۇۋاتقانلىق توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، خۇاڭ فامىلىلىك بىر ئايالنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئايال ئادەتتە ھەر ئۈچ - تۆت كۈندە بىر كۈنمىڭدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان بۇلۇپ، ئادەتتە ئۈرۈمچىگە ئەتىگەندە كېلىپ ،كەچتە كىتىدىكەن، ئۇزاق تۇرمايدىكەن.
ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق خۇاڭ فامىلىلىك ئايالنىڭ چامدانىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بايقاپ، چامداننىڭ ئاستى قىسىمىدىن 2.2كىلوگىرام كېلىدىغان خىروئىننى تاپقان. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، خۇاڭ فامىلىلىك ئايالنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ ئېغىر ئاياغ ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ زەھەر توشۇغان بۇلۇپ، زەربە بېرىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، خۇاڭ فامىلىلىك ئايال گۇاڭشى گۇيپىڭلىق بۇلۇپ، ئېغىر ئاياغ بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان، يەنە بىر ئۈچ ياشلىق ئوغلى بار ئىكەن.
نۆۋەتتە، خۇاڭ فامىلىلىك ئايال زەھەر توشۇش دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر