- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرازىلىيەدە كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
2016.01.22 14:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 22-يانۋار تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-يانۋار، بىرازىلىيەدە بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئالتە ئادەم قازا قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھادىسە بىرازىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىكتىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى چاچىدىغان كىچىك تىپلىق بىر ئايروپىلان قوزغالغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي كونتروللۇقىنى يوقىتىپ چۈشۈپ كەتكەن، ئاندىن تاشيولدىكى ئاپتوبۇسقا سوقۇلۇپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان ئالتە يولۇچى قازا قىلغان، ئۈچ يولۇچى يارىلانغان. ئۇچقۇچى پەقەت يېنىك يارىلانغان. نۆۋەتتە، ئالاقىدار ئورۇنلار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرىۋېتىپتۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر