دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنى 20-يانۋار شىۋېيتسارىيەدىكى كىچىك بازار ـــ دائۇستېا باشلاندى. بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىن 20-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ‹‹4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنى قانداق كونترول قىلىش››تىن ئىبارەت بۇ تېمىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ بەرپاچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شىۋاب، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائۇك يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى.