باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2016.01.21 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئۈچىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 20-يانۋار مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسى ئۈستىدىن ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار ياڭ گاڭنى پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ بېكىتىپ، 12يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر مىليون يۈەن شەخسى مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاۋابكار ياڭ گاڭنىڭ 1998-يىلى 4-ئايدىن 2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك سۈپەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ،باشقىلارغا مەھسۇلات سېتىش، تەرەققىيات تۈرى ئېلىش، خىزمەت ئورنىنى يۆتكەش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بەرگەن، 2008- يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ياڭ گاڭ بىۋاسىتە ياكى ئايالى جياڭ يىڭ، ئوغلى ياڭ ئوۋجيا ئارقىلىق باشقىلاردىن خەلق پۇلى، ئامېرىكا دوللىرى ۋە مال بولۇپ جەمئىي 13مىليون 792مىڭ 765يۈەن پۇل پارا ئالغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئېنىقلاپ چىققان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئۈچىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: جاۋابكار ياڭ گاڭنىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتىگە ياتىدۇ، ياڭ گاڭ دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلارغا نۇرغۇن جىنايەت قىلمىشىنى تاپشۇردى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، بارلىق ھارام پۇل ۋە ھارام ماللارنى تاپشۇرۇپ، پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇڭا ئۇنىڭغا يېنىكلىتىلىپ، قانۇن بويىچە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقىرىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر