خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋار شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 16:00دە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 52ۋەكىللەر كوماندىسى ۋە شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەردىن كەلگەن 3600غا يېقىن تاماشىبىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاساسلىقى تەنتەربىيە مۇراسىمى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە نۇمۇرلىرىنى ئورۇنداش، باش مەشئەلگە ئوت يېقىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، «قار - مۇز بىلەن قاپلانغان تەڭرىتاغ، نۇرلۇق يىپەك يولى» باش تېما قىلىنىپ،ئايرىم -ئايرىم ھالدا مۇقەددىمە(«قار - مۇزدىن ھالقىپ ئۆتۈش»)، «قار - مۇزلۇق دالا»،«تەڭرىتاغ مۇھەببىتى»، «جۇڭگۇ ئارزۇسى»، خاتىمىسى («نۇرلۇق يىپەك يولى») دىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن. پۈتۈن مەملىكەت نەزەرگە ئېلىنغان، تەنتەربىيە ئامىلىدىن قول سېلىنغان، تەنتەربىيە ھەرىكىتى مەدەنىيەت - سەنئەت بىلەن يەرلىك مەنزىرە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋەتەن ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. تەنتەربىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئېلېمېنتلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى