باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى شەرەپ بىلەن « 2015 - يىللىق جۇڭگو داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى تىزىملىكى» گە كىردى

2016.01.21 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى شەرەپ بىلەن« 2015 - يىللىق جۇڭگو داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى تىزىملىكى» گە كىرگەن.

  « جۇڭگو داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى تىزىملىكى» ئۆز ئىچىگە ئېلىش دائىرىسى كەڭ، كەسپىي دەرىجىسى يۇقىرى، ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى زور بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنى باھالاش پائالىيىتى. يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى غەربىي يۇرتتىكى مىللىي مەدەنىيەتنى قېزىپ چىقىپ، غەربىي رايون ساياھەت كەسپىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە، ناخشا - ئۇسسۇل، ئويۇن كۆرسىتىش، ئۆزگىچە رايون ئالاھىدىلىكى، يىمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ گۇمانىتار مەنزىرە بوشلۇقنى تولدۇردى. شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل نۇمۇرى « غەربىي يۇرتقا قايتىش » ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى زال ئىچى ئويۇنى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى «كۈندۈزى مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىش، كەچتە تىياتىر كۆرۈش» تىن ئىبارەت يېڭىچە ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر