- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئالتە چوڭ ھاۋا رايى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ
2016.01.21 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ گوگۇاڭ 20-يانۋار مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئالتە چوڭ ھاۋا رايى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، 2020-يىلى ھاۋا رايىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
جېڭ گوگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ھاۋا رايىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 24 سائەتلىك ھاۋا رايى، تېمپېراتۇرىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى خېلى ئۆستى؛ تەيفېڭ بورىنىنىڭ مۇساپىسىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى خاتالىق پەرقى %26 ئازىيىپ، خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى؛ ھاۋا رايى ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يىلىغا ئوتتۇرىچە 2956 ئادەمدىن 1293 ئادەمگە ئازايدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر