باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭلىسى ئىسمائىل بىلەن كۆرۈشتى

2016.01.21 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 20-يانۋار كەچ قاھىرەگە بېرىپ، قاھىردە چۈشكەن مېھمانسارايدا مىسىر زۇڭلىسى ئىسمائىل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-مىسىر ئىككى دۆلەت ھەقىقىي دوست، بۇرادەرلەر. 2014-يىلى، جۇڭگو-مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى ئېگىزلىككە كۆتۈردى. بۇ قېتىم مىسىردا زىيارەتتە بولۇشۇم، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن. جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتى ھازىر مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە ۋە ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو-مىسىر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئورتاق تونۇشنى بالدۇرراق ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو سالاھىيىتى بار كارخانىلارنى مىسىرنىڭ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە قوللايدۇ، مىسىر بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو-مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى تەرەپ ياشلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى قارشى تەرەپنىڭ دۆلىتىگە ساياھەتكە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو-مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن زور خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئوخشاش، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر