باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: ئائىلىدە قالغان ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار قاتارلىق ئاجىزلار توپىنى بۇلىغانلار ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ

2016.01.20 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 19-يانۋار ئېلان قىلغان يېتەكچى پىكىردە، بۇلاڭچىلىق جىنايى ئىشلار دىلوسىنى سوت قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قاتتىق-كەڭچىللىك ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلۈش سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كۆپ قېتىم، شېرىكلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش، يېزىلاردىكى ئائىلىدە قالغان ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار قاتارلىق ئاجىزلار توپىغا قارىتا بۇلاڭچىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش جەريانىدا باسقۇنچىلىق قاتارلىق زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بېرىش دائىرىسى ئىچىدە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش لازىم.

  بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئۈچتىن ئارتۇق كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان، ياكى باشقىلارنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، ئېغىر مېيىپ قىلىپ قويغانلار؛ بۇلاڭچىلىق جەريانىدا باشقىلارنى قەستەن ئۆلتۈرگەنلەر، ياكى باشقىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ ياكى بۇلاڭچىلىق قىلىش قېتىم سانى ئىنتايىن كۆپ، بۇلىغان سوممىسى ئىنتايىن چوڭ بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسىدىن يۇقىرى بولغان جىنايى ئىشلار جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. بۇلاڭچىلىق جىنايى ئىشلار دىلوسىدىكى ئۆلۈم جازاسى ماس كېلىدىغانلارغا قارىتا، «ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆلۈم جازاسى ماس كېلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ئېھتىياتچان بولۇش»تەك جىنايى ئىشلار سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش لازىم. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشنى چەكلەشنى قارار قىلىشقا بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر