باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى

2016.01.20 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،19-يانۋار پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمىدىكى شەھەر پىشاۋۇردا بىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئەتراپىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 10 كىشى قازا قىلغان.

  خەۋەردە دېيىلىشچە، پېشاۋۇر ۋە كىبېر ئالاھىدە رايون بىلەن جەمرۇد تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان بىخەتەرلىك پونكىتىنىڭ ئەتراپىدا شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 10 ئادەم قازا قىلىپ، 20دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى، ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش ئەتىرىتى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە يارىدارلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. ئىگىلىنىشىچە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، پارتلاش يەنە يېقىن ئەتراپتىكى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىگىلىنىشچە، يارىلانغانلار ئىچىدە ئاز دېگەندە 6 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن، قازا قىلغۇچىلار سانى كۆپىيىشى مۆمكىن ئىكەن. نەق مەيداندا كۆرگۈچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئىكەن. مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكىچە، تېخى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر