باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى

2016.01.21 09:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى خىزمەت مەلۇماتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم ئۇلارغا باھا بەردى ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىنى بېكىتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن باھالاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتى بېرىش ئەھۋالىغا باھا بەردى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلىق پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتى بېرىش، ئۇلارغا باھا بېرىش، خىزمەت نەتىجىلىرىنى بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتى بېرىش، ئۇلارنى باھالاش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىغا كونكرېت تەلەپلەرنى قويدى. يىغىندا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى خىزمەت مەلۇماتىدىن بىر - بىرلەپ دوكلات بەردى. كۆپچىلىك تەسىراتلىرىنى، سەۋەنلىكلىرىنى سۆزلىدى، مەسىلىلەر يۈزلىنىشىنى گەۋدىلەندۈردى، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋەكىللىرى مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى دېموكراتىك ئاساستا باھالىدى.

  جاڭ چۈنشيەن 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىغا بىر - بىرلەپ باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى شۇجىلار مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئويلىنىپ، ۋەزىيەتنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىنى ئەستايىدىل يېزىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، ئوي - پىكىرنى راۋانلاشتۇرۇش، بېسىمنى ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىدىيە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى مۇستەھكەملەپ ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار، ئىستىھكاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم شۇجىلىرى سىياسىي سەزگۈرلۈكى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئىرادىسىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەملەردىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، ئەجەللىك يەرگە دىققەت قىلىپ، «ئىككى قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى جەڭگىۋارلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرتكىلىك كۈچى، ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تەشكىلىي جەھەتتىن كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاجىز نۇقتىلارنى نىشانلاپ ھەم تۈجۈپىلەپ كۈچەپ، مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنى تاللاش، كۈچەيتىش، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەرتىپكە سېلىش، يىراق، مۇرەككەپ رايونلار ۋە گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈزەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىنىڭ باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ياخشى باشقۇرۇپ، «ئون يۇلتۇز دەرىجىلىك» كەنت دەرىجىلىك تەشكىلىي قۇرۇلۇش ۋە «بەشتە ياخشى» كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنى باھالاپ تاللاش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە باشلامچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا داۋاملىق كۈچەپ، چوڭقۇرلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرتىپكە سېلىشنى تاماملاپ بولغانلاردىكى يېڭى مەسىلە ۋە ئۈنۈمنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، كەينىگە يېنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈنۈمى روشەن بولمىغانلارنى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ چوڭقۇرلاپ تەرتىپكە سېلىش كېرەك؛ چارۋىچىلىق رايونى ۋە چەت، يىراق چېگرا رايونلار، كان رايونلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ ئادەمنى ئاساسىي قاتلامغا، پۇلنى ئاساسىي قاتلامغا، سىياسەتنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاش كېرەك؛ يېزىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كەنتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى كەنتلەرگىچە تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيە خىزمىتىنى ئائىلىلەرگىچە قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ جايلار، تارماقلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋاملىق تەھلىل، مۇھاكىمە قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، يولغا قويۇش جەريانىدىكى زور مەسىلىلەرنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى يەرلىكنىڭ ۋە مەزكۇر ئورۇننىڭ پارتىيەنى باشقۇرىدىغان، پارتىيەنى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدىسى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا توغرىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈپ، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ «1 - سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»لىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - بازارلىق پارتكومنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ نەتىجە قازىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە بۇ قېتىمقى خىزمەت مەلۇماتى، باھالاش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلىنىڭ خىزمەت كومىتېتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى خىزمىتىدىن يېزىقچە مەلۇمات بەردى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىن تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر