باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارى باي - نامراتلىق پەرقى دوكىلاتى ئېلان قىلىندى

2016.01.20 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:باش شىتابى ئەنگلىيەگە جايلاشقان خەلقئارا خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى _ «ئوكسفوم»نىڭ 18 -يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ھازىر يەر شارى بويىچە ئەڭ باي 62 ئادەمنىڭ ئومۇمىي مۈلكى بىر تىرليون 760 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيا 3 مىليارد 600 مىليون ئەڭ نامرات نوپۇسنىڭ بايلىق يىغىندىسىغا تەڭ ئىكەن.

  بۇ دوكلاتتا شۋېتسارىيە كرېدىتتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىشلىتىلگەن، ھەمدە بايلىقنىڭ تەڭسىزلىك ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىش مۇراجىئەت قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نامراتلىق ۋە تەڭسىزلىك ئەھۋاللىرى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر 9 كىشى ئىچىدە بىر كىشىنىڭ يېتەرلىك ئاشلىقى يوق، بىر مىلياردتىن ئاشقان نوپۇسنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشى 1.25 ئامېرىكا دوللىرى ئۆلچەم سىزىقىدىن تۆۋەن ئىكەن.«ئوكسفوم» ئاگاھلاندۇرۇپ : يەر شارى بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملەنمەسلىكى ئۆتكەن 25 يىلدىكى نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى يوق قىلىۋاتىدۇ،دېدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر