باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردىكى مالنىڭ باھاسىنى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ، ئاندىن تۆۋەنلىتىپ سېتىش ئەھۋالىنىڭ جازالىنىشى كەمدىن-كەم ئۇچىرايدۇ ( خەلق ئاۋازى)

2016.01.20 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كۈندىن – كۈنگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، بەزى سودىگەرلەر پايدىنى كۆزلەپ«باھانى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ ئاندىن تۆۋەنلىتىش»ئويۇننى ئوينىماقتا«. باھانى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ ئاندىن تۆۋەنلىتىش» ئالدامچىلىققا ياتىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان قىملىش بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق قىلمىشلارنىڭ جازالىنىشى ناھايىتى كەم ئۇچىرايدۇ.

  بازار ئىگىلىكى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىگىلىك، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇلىيتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. « باھانى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ ئاندىن تۆۋەنلىتىش» قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، تور بازىرىنىڭ ئادىل تەرتىپىنى ياخشى قوغداش كېرەك. مېنڭچە بەزى تور سودىگەرلىرىنىڭ « باھانى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ ئاندىن تۆۋەنلىتىش»ھىيلە-مىكىرىگە قارىتا، ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مال باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتىدىغان تور سودىگەرلىرىگە باھانى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇنقى باھا ۋە باھانى چۈشۈرمەكچى بولغان باھانى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى، ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا باھادا ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ ھەم ناتوغرا رىقابەتنى چەكلىگىلى بولىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر