باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2016.01.20 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-يانۋار مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ رىيادقا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۆت جەڭ ئايروپىلانى قوغداپ ماڭدى. مەخسۇس ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:35دە رىياد خالىد پادىشاھ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ بۆلمىدىن چىققاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ئايبان قاتارلىقلار قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە سەمىمىي سالام ۋە ئوتلۇق تىلەكلەرنى يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەب ۋە ئىسلام چوڭ دۆلىتى، شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 26 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ھەر قايسى ساھەرلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور بەخت ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، پادىشاھ سالمان بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن. بۇ قېتىمقى مول مەزمۇنلۇق دوستانە سەپىرىمنىڭ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىگە ياردىمى بولىدىغانلىقىغا، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى دۆلەتلىرى گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر