باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە قار تازىلاش خىزمىتى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى

2016.01.19 16:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-يانۋار سائەت 11:55دە، ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈكىدە يول ياقىسىدىكى يىغىلغان قارلارنى تازىلاۋاتقان تازىلىق ئىشچىلىرى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىر 18-يانۋار سائەت 10:00دە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولى، يۇمىلاق تاغ يولى قاتارلىق يوللاردا تازلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئالدىراشلىق بىلەن قار تازىلاۋاتقانلىقىنى، قار تازلاش ماشىنىلىرىنىڭمۇ ئۆز يولىدا ئالدىراش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 2016-يىل ئۈرۈمچىدىكى قار تازىلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ، قار تازىلاشتا ياردىمى زور بولغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش (مەمۇرىي قانۇن ئىجىرا قىلىش ئىدارىسى) تېز سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش مەركىزى تاشقى ئايلانما يولىنىڭ باش دىسپېتچېرى ۋاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سەھەردە قار يېغىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بىز 80دىن ئارتۇق قار تازىلاش ئاپتوموبىلىنى ئاجرىتىپ، ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىگىچە يوللاردىكى قارلارنى تازىلىدۇق.

  ۋاڭ جۈننىڭ ئېيتىشىچە، كۈندۈزدە قار توختىماي ياغقانلىقتىن، كېچىدە داۋاملىق تۈردە قار تازىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر