جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى «قارغا مۇھەببەت» قار-مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 16-يانۋار خانتەڭرى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى قار-مۇز بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى قار-مۇز مەنبەسى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ قار-مۇز تەنھەرىكىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، قىشتىكى گۈزەل قار مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش ھەمدە قىشلىق سوقۇم مەدەنىيىتىگە ۋارسىلىق قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. قار-مۇز بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭدارلىققا تولدۇردى. يايلاق مەدەنىيىتى ئۇسسۇلى، داڭلىق ئات كۆرگەزمىسى، قارلىق دالىدا قىز قوغلاش، قارلىق دالىدا ئوغلاق تارتىشىش، قارلىق دالىدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، كوللېكتىپ توي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ۋە دالىدا قار تېيلىش مۇسابىقىلىرى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق سەر خىل پائالىيەتلەر مەيدانى كىشىلەرنىڭ كاتتا سورۇنىغا ئايلاندى.