باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قۇت بۇيۇمى(1)

2016.01.22 08:54   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

قۇت بۇيۇمى(1)

  31-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى، قۇت بۇيۇمى ۋە باش تېما شوئارىنى يىغىش، تاللاش، بېكىتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى.

  13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بۇيۇمى ــــ قار لەيلىسى قورچىقى بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئۆسۈملۈكى «قار لەيلىسى» نى ئىجادىيەت ئامىلى قىلغان. قار لەيلىسى قۇت گۈلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەرلىك ۋەكىل خاراكتېرىگە ۋە يېقىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىلەر ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. قورچاقنىڭ بېشىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، جۇشقۇن ھالەتتە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت گۈلى مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قار لەيلىسىنىڭ قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى «مەڭگۈ بىرىنچىلىكنى تالىشىش، قەيسىرانە ئېلىشىش» تەك تەنتەربىيە روھىغا سىمۋول قىلىنغان. قورچاقلارنىڭ ئوبرازى قارلىق تەبىئەت ۋە قىشلىق تەنھەرىكەت باش تېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. قۇت بۇيۇمى كۈلۈمسىرىگەن ھالەتتە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ قۇت بۇيۇمى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئاددىي-ساددا، قىزغىن ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، گۈللەپ-ياشنىغان ياخشى روھى قىياپىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.


【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟