باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشىدە بارلىق ئەر-خوتۇنلار 30كۈنلۈك تويلۇق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ

ئايال تەرەپ 60كۈنلۈك تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ

2016.01.21 18:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋار، سەنشى ئۆلكىلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، سەنشى ئۆلكىسىدە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ماس كېلىدىغان پەرزەنتلىك بولغان ئايال تەرەپ دۆلەت ۋە سەنشى ئۆلكىسى بەلگىلىگەن تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش ئاساسىدا يەنە تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشنى 60كۈن ئۇزارتىش بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.


  20-يانۋار، سەنشى ئۆلكىلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا قارىتا چۈشەندۈرۈش بەردى. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 18-قېتىملىق يىغىنىدا ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سەنشىدە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت سىياسىتى يولغا قويۇلدى، ئىككى ۋە ياكى ئىككىدىن ئاز پەرزەنتلىك بولۇشتا تەستىقلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق بولدى، تۇغۇت مۇلازىمەت تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، پەرزەنتلىك بولۇشنى ئائىلىلەر ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى. «نىزام»دا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولغان، ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىن جىق پەرزەنتلىك بولماقچى بولغانلار يەنىلا بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش كېرەك. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكى (نوپۇس دەپتىرى)، ئانكىتىنى ئېلىپ بىر تەرەپنىڭ نوپۇسى بار ياكى ھازىر تۇرۇشلۇق جايدىكى كەنت (مەھەللە)گە بېرىپ تۇغۇت مۇلازىمەت تىزىملاش ئىشلىرىنى ھەقسىز بىجىرسە بولىدۇ، ۋە ياكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئورگانلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىق-ساقلاش ئورگانلىرىغا بېرىپ، تۇغۇت مۇلازىمىتىنى تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ.


  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام»دا، قانۇن بويىچە توي قىلىشنى تىزىملاتقان ئەر خوتۇنلار 30كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن؛ بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ماس كېلىدىغان بالىلىق بولغان ئايال تەرەپ دۆلەت ۋە سەنشى ئۆلكىسى بەلگىلىگەن تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئاساستا، تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشنى 60يەنە كۈن ئۇزارتىش بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن، ئەر تەرەپ 15كۈنلۈك ئاسراش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن؛ سەنشى ئۆلكىسى يەنە تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش ۋە ھەمراھىنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ماس كەلسىلا، بىرىنچى بالا، ئىككىنچى بالا ۋە ياكى شەرتكە ماس كېلىدىغان، قانۇن بويىچە تۇغۇلغان ئۈچۈنچى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىسىدىكى بالىسى ئۈچۈن، ئايال تەرەپ تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشنى ئۇزارتىشقا بولىدىكەن ھەمدە ئەر تەرەپ ئاسراش دەم ئېلىش مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. تويلۇق دەم ئېلىش، تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش، ئاسراش مەزگىلىدە، ئىش ئورنىدىكى خادىملار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.


  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر