باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن سىپىڭدىكى بالىلارغا يىڭنە سانچىغان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قولغا ئېلىندى

2016.01.21 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىسى سىپىڭ شەھىرى تيېشى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، سىپىڭ شەھەرلىك خوڭخۇاڭلەن يەسلىسىدىكى بالىلارغا يىڭنە سانچىشقا چېتىشلىق بەش ئوقۇتقۇچىدىن تۆتى ئالدىنقى كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىندى، بىرسى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ، سوراق كۈتتى.

  2015-يىلى 11-ئايدا، سىپىڭ شەھەرلىك خوڭخۇاڭلەن يەسلىسىدە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بېلى، پۇتى، بېشى قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىدا قىزىرىپ قالغان يىڭنە تۆشۈكى بارلىقىنى بايقىدى، ئاز بولغاندا نەچچە يەردە، كۆپ بولغاندا ئوننەچچە يەردە بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بۇنى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلاندى، ۋەقەگە نۇرغۇن سىنىپتىكى جەمئىي يىگىرمە نەچچە بالا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدى.

  قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭ يىڭنە سانچىلىشتىن كېلىپ چىققان يارا ئېغىزى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى، كونا-يېڭى يارىلىرى ئەڭ كۆپ بالىنىڭ بەدىنىدە يىڭنە سانچىلغان 50تىن كۆپرەك تۆشۈك بايقالدى.

  ۋەقەدىن كېيىن، بۇ يەسلىنى تيېشى رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى تاقىدى، ۋەقەگە چېتىشلىق 5 ئوقۇتقۇچىنى ساقچىلار جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئالدى. ئالدىنقى كۈنى، 4 كىشىنى تيېشى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى، بىر كىشى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ، سوتلىنىشنى كۈتمەكتە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر