باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شۆھرەت زاكىر ‹‹شېنخۇا›› ئۈرۈمچى شەرقىي كۆمۈر كانىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى(1)

بىخەتەر تەرەققىي قىلىشقا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2016.01.19 16:33   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شۆھرەت زاكىر ‹‹شېنخۇا›› ئۈرۈمچى شەرقىي كۆمۈر كانىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى(1)

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 14 – يانۋار ‹‹شېنخۇا›› شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەرقىي كۆمۈركانىغا بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. شۆھرەت زاكىر تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بەش جەھەتتىكى ئېنىق تەلىپى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈش، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەرلىك ‹‹قىزىل سىزىق››ىنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ساقلاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا، قەدەمنى ياخشى تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ‹‹شېنخۇا›› شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەرقىي كۆمۈركانىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالى ۋە جىددىي ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش يوللىرى، لايىھەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تەكشۈردى ۋە سۈرۈشتۈردى. شۆھرەت زاكىر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىدە قۇدۇق ئاستىدىكى ئىشچىلار بىلەن نەق مەيداندا سۆزلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇدۇق ئاستىدىكى ئىشچىلاردىن ئالدىنئالا چاغانلىق ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە خۇشاللىق، تېنىگە سالامەتلىك تىلىدى. ئۇ قۇدۇق ئاستىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قۇدۇق ئاستىدىكى ئىشچىلارغا بىخەتەرلىككە جەزمەن ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تىنچ – ئامان قۇدۇققا چۈشۈش، بىخەتەر قايتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى قايتا – قايتا تاپىلىدى.

  شۆھرەت زاكىر كان قۇدۇقى ئېغىزىدا تۇرۇپ كۆمۈركاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، قۇدۇققا چۈشۈپ خىزمەت قىلىش ئالدىدا تۇرغان كۆمۈركان ئىشچىلىرى بىلەن بىر – بىرلەپ كۆرۈشتى. ئۇ كارخانا مەسئۇللىرىدىن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1 – سېپىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قاتتىق تەكشۈرۈشىنى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشتىن – ئاخىر قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىنى، بىخەتەرلىك سۈپىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالدىكى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەقەنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە ئاپتوماتىك كونترول قىلىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، بىخەتەرلىك تېخنىكىسىدىكى مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ‹‹شېنخۇا›› شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2015 – يىلى ‹‹قىزىل چىراغ، قىزىل سىزىق، قىزىل كارتا›› تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، باشقۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆلۈم – يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەسلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھازىر ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل. جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، خادىملارنى دەرھال تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1 – سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈركان، كۆمۈركاندىن باشقا كانلار، يول قاتنىشى، كىشىلەر زىچ توپلاشقان ئورۇنلار، توك، پار، گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە پوجاڭزا تىجارىتى قىلىدىغان، ساقلايدىغان ئورۇن قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. كارخانا مەسئۇللىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى 1 – جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قاراپ، پەۋقۇلئاددە، زور ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە چەكلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، غانىبات سابۇكەي، مۇتەللىپ قاسىم قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟