باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەپەككۇرنى تەرەققىياتقا ئۆزگەرتىش پىلانى

__ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز يولغا قويغان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش خاتىرىسى

2016.01.20 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر چوڭ ئىستراتېگىيە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا ئاستا-ئاستا ئېلىپ بېرىلماقتا.

  بىر يېڭى لايىھە ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «باش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى» بىلەن، ماھىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈش «تېز يولى»غا قەدەم قويدى. مەركەزدىن تارتىپ ئىككى شەھەر، بىر ئۆلكىگىچە، يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پائال ئىشلەپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى پايتەخت ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىشقا ئاتلاندى. تەپەككۇرنى تەرەققىياتقا ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇرەككەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلايلى

  ئىلمىي ئىستراتېگىيە، داۋاملىق مەسىلىنى مەۋقە قىلىپ، تەپەككۇرنى تەرەققىياتقا ئايلاندۇرغانلىقنىڭ نەتىجىسى.

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونى ئېلىمىز ئىقتىسادىدا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، قوبۇل قىلغان نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم جايغا تەۋە، يەرلىرى تۇتاش، ئادەملىرى ئىناق، رايونلار بىر گەۋدىلەشكەن، مەدەنىيىتى قوشۇلغان، تارىخى ئۇزۇن، ئالاقىلىشىش دائىرىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەسلىدە بىرگە بىرنى قوشسا ئىككىدىن چوڭ، بىرگە ئىككىنى قوشسا ئۈچتىن چوڭ بولۇشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، رايونلار ئارا تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنالايتتى.

  لېكىن رېئاللىق تولىمۇ «رەھىمسىز»، «تەرەققىي قىلغان مەركەز بىلەن قالاق كىندىك رايونلار»، بۇ شەھەر-يېزىلارنى پىلانلىغۇچى ئالىملارنىڭ ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي تەرەققىياتىنىڭ پەرقىگە قىلغان بايانى. بېيجىڭ پايتەخت بولۇشتىن باشقا نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى توپلىغان، تيەنجىننىڭ يېتەكلەش رولى كۈچلۈك ئەمەس، خېبېينىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى سەل «ئېغىر». ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ جاينىڭ سۇ بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى ئادەم بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتى ئەڭ كەسكىن، بايلىق، مۇھىتنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىش زىددىيىتى ئەڭ ئېغىر، ئېكولوگىيەنى بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە تۈزەش تەلىپى ئەڭ جىددىي رايونغا ئايلاندى... بەزىلەر «بېيجىڭ يەپ تۈگىتەلمەيدۇ»، «تيەنجىن تويمايدۇ»، «خېبېيگە تەگمەيدۇ» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئامىلنىڭ ئېقىشى بىلەن بايلىق تەقسىملەش ئارىسىدىكى قىيىن ئەھۋالنى سۈپەتلىسە، يەنە بەزىلەر پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ چېكىنىش ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى ئەسكەرتتى، يەنە بەزىلەر «سىفون ئېففېكتى» بىلەن ئۈچ جاي ئارىسىدىكى مېخانىزم-تۈزۈلمىلەرنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىنى ئانالىز قىلدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي يەنىلا كونا يولنى بويلاپ ماڭسا، تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى تارلىشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر